_

تارىخ

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

ۋاراقلىدىم تەن گۈلخانلىرىنى
قۇياش مۇزلاپ ياتقان ئاسماننى كۆردۈم
ۋاراقلىدىم چۆل بارخانلىرىنى
يىلتىزى سارغىيىپ كەتكەن ئىماننى كۆردۈم
ۋاراقلىدىم روھ ئىسيانلىرىنى
مەشرەپ دارغا ئېسىلغان جەرياننى كۆردۈم.
 
شەھەر سەھرالاردىن كەتتى يىراقلاپ،
تاشلار سايدا ياتار يېلىڭ، يانچىلاپ،
دەريالار ئاقار ئۈنسىز، قىرغاق قاغجىراپ...
بىر سىقىم توپىنى ئالسام قولۇمغا
ۋەتىنىم يۇيۇنىۋىتىپتۇ كىندىك قېنىمدا.
بىر سىقىم قۇمنى ئالسام قولۇمغا
ئاتلار كىشنەپ كەتتى شۇئان جېنىمدا.
ئېچىپ كۆكسۈمنى
ئۆتمە - تۆشۈك بوپ كەتكەن قالقاننى كۆردۈم.
ئېلىپ قالقاننى
خۇدا ئۇخلاپ ياتقان ئايۋاننى كۆردۈم.
 
شەھەردە ياشايمەن،
دەريا - كۆللەرنى ئۆيۈمگە باشلاپ
دەرەخلەرنى شېشىلەرگە قاچىلاپ يەيمەن.
ئون قەۋەت بىنانىڭ پەلەمپىيىدە
قاراپ سەدىقە تىلەۋاتقان ئىككى ئادەمگە
ئۇيغۇر چۆلىدە
تۆگىسىگە مىنەلمەيۋاتقان كارۋاننى كۆردۈم.

2002- يىل مارت، خوتەن