_

تاش ئەينەك

تاھىر ھامۇت

ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺗﺎﺵ ﯬﻳﻨﻪﻛﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﯩﯖﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ،
ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺳﯘ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﻩﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﯓ ﻣﺎﯕﺎ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺳﻪﻥ ﻗﯩﺶ ﺷﺎﻣﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻣﯩﻨﻰ ﺗﯧﺘﯩﺪﯨﯔ، ﯪﭼﭽﯩﻖ ﺗﻪﻡ.
ﯮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯜﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ، ﯮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺕ.
قاراڭغۇ كېچىنىڭ ئىككى تامچىسى ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﯔ!
ﺳﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺴﻪﻥ.
ﺗﺎﺵ ﯬﻳﻨﻪﻛﻨﻰ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺴﻪﻥ؟ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻨﻤﯘ؟ ﻳﺎﻛﻰ ﭼﯜﺷﯜﯕﺪﯨﻦ؟
ﯰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﯘﻡ ﺋﯩﺪﻯ، ﺷﺎﻣﺎﻝ ﺋﯩﺪﻯ،
ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﭘﻘﺎﺭﺍ ﭘﯘﺭﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺗﺎﺭﻗﺎﭖ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ.
ﻣﺎﻧﺎ ﯬﻣﺪﻯ، ﺑﯘﻟﯘﺗﻼﺭ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻗﯘﻻﻕ ﺗﯜﯞﯨﯖﮕﻪ ﻗﯩﺴﺘﺎﭖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﯪﯕﻠﯩﻤﺎﻳﺴﻪﻥ،
ﻫﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﺳﻮﻏﯘﻗﻨﻰ ﺳﯧﺰﯨﺴﻪﻥ، ﺑﯧﺸﯩﯖﻨﻰ ﯪﺳﺘﺎ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﺴﻪﻥ،
ﻏﯧﺮﯨﭙﻠﯩﻖ ﻏﯧﺮﯨﭙﻠﯩﻘﻘﺎ ﯬﮔﯩﺸﯩﺪﯗ، ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﻯ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﯨﻐﺎ ﺳﯩﯖﮕﻪﻧﺪﻩﻙ.
ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﺎ، ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺯﻻﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻟﯧﯟﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻨﻰ ﺳﯚﻳﻪﻟﻪﺭﻣﻪﻧﻤﯘ؟
ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﺎ، ﺗﺎﺵ ﯬﻳﻪﻛﻨﻰ ﻳﻮﺭﯗﺗﻘﺎﻥ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﯘﺗﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭﻣﯘ؟
ﺧﻮﺵ، ﯬﻱ ﮔﯜﻟﯜﻡ ،قاچقىن، ﻗﺎﭼﻘﯩﻦ، ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﺕ!
ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺩﻩﺭﻩﺥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ،
ﺑﯘ ﻳﻪﺭ ﺗﯧﺨﻰ ﻗﯩﺶ، ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻕ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﯩﺪﻯ.
ﺳﯘﺱ ﯪﻟﺘﯘﻥ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﻡ ﺭﻭﻫ ﯪﻟﻘﯩﻨﯩﻤﺪﺍ، ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻤﺪﺍ.
ﺑﺎﻫﺎﺭ ﭘﻪﺳﻠﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩﻡ.
ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﯧﺨﻰ ﯰﺯﯗﻥ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﯞﺍﻗﯩﺘﻘﺎ ﯮﺧﺸﺎﺵ.
ﯬﻱ ﮔﯜﻟﯜﻡ ، ﻗﯧﻨﻰ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻪﺭ: ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯩﻢ ﯪﯞﯞﺍﻝ ﯲﻟﺴﯘﻥ؟!

                     1995- يىل نويابىر، ئۈرۈمچى

                     «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2008- يىل 6- سان، 26- بەت