_

دۇئا

تاھىر ھامۇت 

ھەر قېتىم 
ئىككى ئالقىنىم يۈزۈمگە يېقىن كەلگەندە، 
بىر جۈپ كۆزۈمنىڭ نۇرى 
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سۈكۈتكە ئايلىنىدۇ. 
شۇنداق، مەن بىر ئۆز ئىشىغا پۇختا گۇناھكار،
غەزەبلىرىنى ئاۋاز چىقارمايلا يۇتالايدىغان.
ئالقانلىرىمنىڭ ھارارىتى بىلەن تىنىقىمنىڭ شامىلى 
يار ـ يۆلەكسىز ۋە مۇرەسسەسىز قوشۇلغاندا    
لەۋلىرىم قالايمىقان ۋە چۈشىنىكسىز مىدىرلايدۇ.
شۈكرى-قانائەت،ھەمدۇ سانا ۋە تېلەك تىلەش ئارىسىدا 
نومۇسسىزلارچە ئىككىلەنگەندە،  
يىڭنە تۆشۈكىدىن تۆگە ئۆتكەنلىكى ئېسىمگە كېلىدۇ.
مەن سۆيگۈنى كۈچەپ خىيال قىلىپ
ئۇنىڭ ئىللىپىس شەكىللىك دائىرە ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرىمەن. 
‏كائىناتنىڭ ھەممە يەرگە لىق تولغان تەكشى ئاۋازى
مېنى ساراسىمىگە سالـماقچى بولغاندا 
ئالقانلىرىم بىلەن يۈزۈمنى سىپايمەن. 
بۇ ھەرىكەت بەلكىم قوپال ۋە ئىتتىك،  
چۈنكى مەن ئالدىرايدىغان بىر ئىش بار: 
«دادا!» دەپ چىن دىلىمدىن چاقىرغىلى ۋە 
ئۇزۇندىن ئۇزۇن تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغىلى 
بىر قېرى قاغا تېپىشىم كېرەك!

                     2015 ـ يىل 30 ـ نويابىر