_

ماروژنىچى ساۋۇتجان
تاھىر ھامۇت
 

سالقىن شامال قوچۇپ تۇرغان مۇستەھكەم شەھەرنىڭ تونۇش كوچىسىدا
جىنسىي ھەۋەس ۋە باشقا قوزغىلىشلار پۈتۈنلەي ئۇنتۇلغان سالقىن پەسىلدە
يول بويىدىكى چاكىنا گۈلنىڭ يوپۇرمىقىنى
بىرمۇنچە ئادەم تۆمۈر قۇشمىكىن دەپ 
ئىسقىرتىپ سالىدىغان بىر چاغدا
سۇ بىلەن مۇز ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمەيدىغان ئەھۋالدا
ئازابلىنىشقا ۋە چوڭ بولۇشقا ئىنتىزار بالىلار ئۇچرىمايدىغان
غىدىقلىنىشقا ۋە ئىچىدىكى ئوتنى بېسىشقا تەشنا قىزلار توپلاشمايدىغان يەردە
مەن ماروژنىچى ساۋۇتجاننى ئۇچراتتىم

ئىككىلىنىپلا تۇرىدىغان ئاجىز ئىشىك
خورلۇق تارتقان قوش قەۋەت كارۋات
ئۆز تەقدىرىگە تەۋەككۈل قىلغان قوتۇر شىرە
دائىم ئاچ قالىدىغان يېرىم ئوچۇق دېرىزە
مەيۈسلىككە چۆككەن چاسا ئورۇندۇق
بىر ئائىلە قېرىندىشى كالۋالارچە قەتىلى قىلىنغان ئاپئاق تورۇس
كۆز ئالدىمغا كەلدى
بۇ ستۇدېنتلارنىڭ بىر كوللېكتىپ ياتىقى ئىدى
مەن ساۋۇتجان بىلەن شۇ ياتاقتا تۇنجى كۆرۈشكەن

ئويلىدىمكى
ئۇ بىركىملەرگە ھەۋەس قىلىپ شېئىر يازغان
ئۇ بىركىملەرگە ھۈنەرگە كىرىپ شاگىرت بولغان
ئۇ بىركىملەرنى تەتقىق قىلماقچى بولغان
ئۇ بىركىملەرگە شېرىك بولۇپ ئاشپەزلىك قىلغان
ئۇ بىركىملەرگە ياللىنىپ مۇھەررىر بولغان

ساۋۇتجاننىڭ تاڭ سەھەردە ماروژنا ياسىيالىشىغا كىممۇ ئىشىنەر
ئۇنىڭ يالىڭاچ ھالىتىنى
ئۇنىڭ كېسەل بولۇپ قىينالغىنىنى
ئۇنىڭ ئايالى بىلەن بالا تاپقىنىنى
ئۇنىڭ باشقىلاردىن قەرز ئالغىنىنى
ئۇنىڭ ئايالىنى ئەركىلەتكىنىنى
ئۇنىڭ مەست بولۇپ قۇسقىنىنى
ئۇنىڭ بالىسىنى ئۇرغىنىنى
ئۇنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغىنىنى
ئۇنىڭ ئەلەم بىلەن يىغلىغىنىنى
ۋە باشقا نۇرغۇن ئىشلىرىنى 
مەن كۆرمىگەن

مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ ئۆزى مۆجىزە
ئەقىلگە سىغقان بولسا مۆجىزە بولمايتى
دېمەك
بىز بىر مۆجىزە

                     2015- يىلى 15- مارت، ئۈرۈمچى