_

كۆيۈۋاتقان بۇغداي

پەرھات تۇرسۇن

ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﻫﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭ ﻗﺎﻏﯩﻐﺎﻥ،
ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﺘﺎ نىشانسىز، ﻗﺎﺭﺍﺭﺳﯩﺰ ﺳﻪﺭﮔﻪﺭﺩﺍﻥ.
ﺳﯚﻳﮕﯩﻦ ﻣﯧﻨﻰ ﻗﯩﺴﺎﺳﻜﺎﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ،
ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯩﺴﺎﺱ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﺪﻩﻙ.

ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﺭﻩﺧﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﻳﻪﻡ ﺋﻮﻳﯘﭖ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ،
ﯞﻩ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯚﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ.
ﺳﯚﻳﮕﯩﻦ ﻣﯧﻨﻰ ﻗﯩﺰﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﯧﯖﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﻪﻟﯟﻩ ﻗﺎﺗﯩﻠﻨﯩﯔ،
ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺧﺎﻡ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﺪﻩﻙ.

ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﺑﯘﻏﺪﺍﻳﻤﻪﻥ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻤﯘ ﺋﻮﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﻏﻼﭖ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﮔﻪﻥ،
ﺗﻮﻣﯘﺯﺩﯨﻜﻰ ﻗۇﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﯨﻤﯘ ﻣﯘﺯﻟﯩﺘﯩﭗ ﺗﯩﺘﺮﻩﺗﻜﻪﻥ.
ﺳﯚﻳﮕﯩﻦ ﻣﯧﻨﻰ ﺧﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ.
ﻏﻪﻳﺮﻯ ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﺷﺎﯞﯨﺪﺍ ﺋﻪﻗﯩﻠﮕﻪ ﻣﻪﭘﺘﯘﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ.

ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﺑﯚﺭﯨﻤﻪﻥ ﺳﯘﻏﯘﻕ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﺭ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺩﺍﺧﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ.
ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺋﻪﭘﺴﯘﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ، ﻫﺎﯞﺍ، ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ، ﯞﻩ ﺳﯘﻏﺎ.
ﺳﯚﻳﮕﯩﻦ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯜﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻱ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﺰﯨﻘﺘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻫﻪﻣﻪﻝ ﺑﯘﺭﺟﯩﺪﺍ،
ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ، ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻠﻪﺭﺩﻩﻙ.

                    2004- ﻳﯩﻠﻰ 25- ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ